send link to app

sihriqut app for iPhone and iPad


4.2 ( 1072 ratings )
Business Education
Developer: 阿布都热合曼 吐尔洪
Free
Current version: 1.1.2, last update: 5 years ago
First release : 09 Oct 2015
App size: 8.06 Mb

UYGHUR
ناملىق ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرۋالغايسىلەر.
سىھرىيقۇت (Sihriqut) ھەققىدە
سىھرىيقۇت - سىھرىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرسۇن ۋە قۇتلۇق بولسۇن دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇسۆزنى ئابدۇراھمان تۇرغۇن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئالما سائېتىگە تۈزگەن پراگراممىسىغا ئاتاپ مەخسۇس ئىجاد قىلغان، بۇ سۆز تولىمۇ يىقىملىق ۋە سىرلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالما سائېتىنىڭ كىچىك بىر سىھىرلىك قۇتىغا ئوخشايدىغانلىقى ۋە تۈزۈلگەن قوللىنىشچان پراگراممىغىمۇ نۇرغۇنلىغان سەرخىل ،سىرلىق ،قىزىقارلىق ۋە قوللىنىشچان ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.سىھرىيقۇت ھەممەڭلارغا ياخشىلىق ۋە قۇتلۇق بەخىش ئەتكۈسى . سىھرىيقۇتنىڭ تۇنجى نەشرىگە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە-ئېنگلىزچە كۆپ قوللىنىلىدىغان 10000 جۈملىنىڭ ئاز بىرقىسمى پايدىلىنىشقا بىرىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا بانكا پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى، ھەممىگە تونۇشلۇق كارخانىلارنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە نادىر پراگراممىلار،تاراتقۇلار شۇنداقلا كۆپچىلىككە جىددى لازىم بولغاندا ئەسقاتىدىغان ئۇچۇرلار بىرىلدى، كيىنكى نەشىرى داۋاملىق مۇكەممەللىنىدۇ. سىھرىيقۇت كەڭ ئالما سائەت ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان يىڭىلىق ۋە قوللىنىشچان ئىقتىدارلارنى بەخىش ئەتكۈسى شۇنداقلا كەڭ دوستلارنى ئۆزىگە لازىملىق ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلارنى سىتىۋىلىشتا نۇرغۇنلىغان ئويلىمىغان قولايلىقلاردىن ۋە ئىتىبار باھالاردىن بەھرىمان قىلغۇسى.
سىھرىيقۇتنىڭ ئايفۇن (ئالما سۆزلەشكۈچ) نۇسخىسىدا سىلكىنىشنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكېسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئايفۇنىڭىزنى سىلكىپكلا قويسىڭىز، ئېكراندا دوپپا كەيگەن ئۇماق بۇلبۇلجان پەيدا بولۇپ، سىزگە قىزىقارلىق ئاھاڭدا گەپ قىلىشقا باشلايدۇ، ئەگەر سىز بۇلبۇلجاننى ئۇرۇپلا قويسىڭىز ، ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان قۇتقازغۇچ بۇقا ناملىق تىك ئۇچار ئېكرانىڭىزغا ئۇچۇپ كىرىپ بۇلبۇلجاننى قوغدايدۇ، ئەلۋەتتە بۇلبۇلجان سۆزلەپ بولۇپ ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ كىتىدۇ، يۈزى نىپىز ئەدەبلىك بۇلبۇلجان ئەمەسمۇ نىمىلا دىگەن بىلەن، ئەگەر سىز بۇلبۇلجاننى ئ‍ېكراننى توسۇۋالدى دەپ قارىسىڭىز سىپايىلىك بىلەن بىر بۇلۇڭغا يۆتكەپ قويسىڭىز ، كىچىكلىتىپ قويسڭىز بولىۋىرىدۇ، لىكىن قاتتىقراق تىگىپ كەتسىڭىز ئۇ يەنە سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سىز بۇ ئەپ ئارقىلىق بۇلبۇلۇم تورىدىكى ھەرخىل قىزىقارلىق ، قوللىنىشچان ، لازىملىق مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولالايسىز..... قسىقىسى بۇ ئەپ سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ياخشى ھەمرايىڭىزغا ئايلانغۇسى.
سىھرىيقۇت-ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش تەتقىقاتچىسى ئابدۇراھمان تۇرغۇن ئۆزى مۇستەقىل لايىھەلىگەن ئەپ بولۇپ، ئۇنداق ياكى مۇنداق يىتەرسىزلىكلەردىن خالىي ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەڭ ئىشلەتكۈچى ئۇستازلارنىڭ، دوست-بۇرادەر ئاكا-ھەدىلەرنىڭ، ئىنى - سىڭىل قىرىنداشلارنىڭ بۇ ئەپ توغۇرلۇق ھەرقانداق تەكلىپ - پىكىرلەرنى بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
-بۇلبۇلۇم تورى
E-mail: [email protected]
http://www.bulbulum.com